
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ شوئارى:
ئىشەنچلىك مەھسۇلات! ئەلا مۇلازىمەت!
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى:
ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتىمىز ۋە ئەلا مۇلازىمىتىمىز بىلەن رايونىمىز سودا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش.
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى:
مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەش، جەمئىيەتكە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇش
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، دۇنيادا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ ياخشىسى بولىدۇ. شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرىدۇ. جەمئىيەتتىن ئېلىپ، جەمئىيەتكە قايتۇرىدۇ. شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ زورايغاندا، ئۆزىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جەمئىيەتكە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇش شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ۋەدىسى.
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت ئىدىيىسى:
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئىستىېمالچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مەزكۈر شىركەتكە بولغان ساداقىتىنى سەمىمىيىتى بىلەن قولغا كەلتۈرىدۇ.
سۈپەت مەھسۇلاتنىڭ جىنى، ئىناۋەت كارخانىنىڭ ئۇلى. مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك بولۇشى ئۆلچەم ئەمەس، خېرىدارلارنى رازى قىلىشلا ئاخىرقى مەقسەتتۇر. تىجارەت ‹سېتىش› ئەمەس، بەلكى ‹سېتىۋىلىش›، يەنى مەھسۇلاتنى سېتىش ھالقىسى ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەپ، خېرىدارنىڭ ساداقىتىنى ‹سېتىۋىلىش›تۇر. شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگەللەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ھەرقايسى ئىستېمالچىلار توپىغا ماس كىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ‹بۇلاق› ماركىسىغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت يۆلىنىشى:
خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئەڭ ئىلغار مەھسۇلاتلار ئارقىلىق كەڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش.
شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قورۇلغاندىن باشلاپلا، ‹ئىنسانلارنى تەبىئىي، بىخەتەرم ساغلام سۇ بىلەن تەمىنلەش› ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى تېخنىكا ۋە زامانىۋى ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ‹بۇلاق› ماركىلىق سۇ ئىسراپ قىلماي تۇرۇپ، سۇ تازىلايدىغان سۇ ساپلىغۇچنى بارلىققا كەلتۈردى. كەلگۈسىدە، شىنجاڭ xx خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ كۆپ بولغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ خەلق ئاممىسىغا سۇنىدۇ.